سەلكىننىڭ گەپلىرى ھەقىقەتەن توغرا (ئۇلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا،يەردىن توپا ئۆرلۈتۈپ ئوينىغان ئۇسۇلىرىنى كۆرگەندە يىغلاڭ)دىگەن سۆزى ئىنتايىن توغرا گەپ دەپ ئويلۇدۇم،بۇ يەردىكى گەپ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلارنى سەھنىگە قانداق قىلىپ ئىچىقىشتا،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇسۇل رېجىسورلىرىمىزنىڭ ئاشۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ياكى تۇرمۇشىمىزدا ئۇنتۇلۇپ قالاي دىگەن ئىشلارنى (توپىسى،ھاۋاسى،ئۈزۈم باراڭلىرىنى،ئېيتاۋۇر شۇ چاغدىكى ۋاقىت ،مۇھىت ۋە كەيپىياتنى) كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىپادىلەپ بېرىشىدە. يوقارقى فىلىمدىكى ئۆزەم ھىس قىلغان ئىشلارنى سۆزلەپ باقاي:مەن كىچىك چاغلىرىمدا ھىيتىكار ئالدىدا ساماغا چۈشۈپ ئۇسۇل ئوينىغانلارنى كۆرگەن،ئۇلار قەلبىدىكى بارىلىق كۈچلىرىنى چىقىرىپ ساماغا چۈشىدۇ،ئۇسۇلغا چۈشكەنلەرنى كۆرسىڭىز تەبىئى ھالدا سىزنىڭمۇ ئوينىغىڭىز كىلىپ كىتىدۇ،ھەتتا يىغا تۇتۇپ كىتىدۇ،ئۇلار كىرىشىپ بىر گەۋدە بۇلۇپ،ئاجايىپ بىر دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ،بەزىلىرى ئۇسۇلغا كىرىشىپ ئويناپ ھۇشىدىن كىتەمدىغاندۇ دەپمۇ قالىسىز،(بۇ خىل ھىسىياد مەن ئۈچۈن مەڭگۈ بىر سىر)ئەمدى فىلىمدىكى ئۇسۇلغا قارىسام ئاشۇنداق بىر ھىسىيادنى سىزەلمىدىم،ئەرلەر قەغەزدەك لەپىلدەپ تۇرغاندەكلا تۇيىلىدۇ،(بەلكىم بەدەن ساپارىمىز ئۆزگىرەۋاتقان ئوخشايدۇ)،ئاياللار ئەركىشلەرگە سىلىشتۇرغاندا جەزبىدار كۆرىنىۋاتىدۇ، سەھنە لاھىسىگە كەلسەك :سەھنىگە گەرچە ئاشۇ تەبىئى توپىلارنى ئېچىقىلى بولمىسىمۇ،لېكىن يەنە نۇر ئارقىلىق ئۇ ھىسىيادنى ئىپادىگىلى بولىدىغۇ،لېكىن سەھنىدىكى نۇرلار ئىنتايىن كەلمىگەن،(رەڭگارەڭ بۇلۇپ كىتىپ ،كۆرۈش سەزگۈمىزگە قالايمىقان تەسىر قوزغاپ،ئۇسۇلنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغان،مىنىڭچە بىرخىل كۈلرەڭگە مائىل توپىنىڭ رەڭگىنى بەرگەن بولسا ،تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم،)،،،،،،،،،،،سەھنىدىكى نەقىشلەر ماڭا ياقمىدى،سەھنىنى تېخىمۇ قالايمىقان كۆرسۈتۈپ تاشلاپتۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ نەقىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە،لېكىن ئۇنى قالايمىقان ئىشلىتىپ قويساق بىزگە بىرخىل بىئارامچىلىق كەيپىيات بېرىپ قويىدىغۇ دەيمەن،(بىزدە نەقىشتىن باشقا يەنە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەر بارغۇ)(سەھنە ئىنتايىن قالايمىقان،ئاددى قىلىپ ياساشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت،مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇسۇل ۋە ناخشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ)،،،،،،،،رېجىسور نەقىش بىلەنلە مىللى ئالاھىدىلىكنى چىقىرىمەن دەپ ،بىر نوقتىدىلا قالغان،،،،،،مەن بۇرۇن گىرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللى خاسلىققا ئىگە بىر فىلىمنى كۆرگەن،ئۇيۇن شەھەرنىڭ ئەڭ قايناق بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن(بىر تۆت كوچىغۇ دەيمەن)سەھنە ئىنتايىن ئاددى ياسالغان بۇلۇپ،كەينى كۆرۈنۈش بىر پارچە قېنىق كۆك رەڭلىك لاتا ئىسىقلىق،يەردە بىر-ئىككى پارچە كونا گىلەم تاشلاغلىق ،ئۈستىدە سەھنىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراقلارلا بار،رەڭلىك چىراقنى قەتئى ئىشلەتمىگەن،شۇنداق تۇرۇقلۇق يەرلىك تۈسنى ئوخشاشلا ئىپادىلەپ بەرگەن،مىنىڭچە يوقارقى فىلىمدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۈچى بار. يوقارقى فىلىمدا رېجىسور،ئارتىس،چىراقچى،دىكىراتسىيە لاھىلىگۈچى قاتارلىق كىشىلەر چوقۇم بىر-بىرسىنى تونىمايدۇ،تونىغان تەقدىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلغا بولغان ئۇقۇملىرى ئىنتايىن تۆۋەن بولىشىمۇ مومكىن.ئۇلار تۇرمۇشتىكى بىر ئاددى ئىشنى سەھنىگە ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن ،بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش كېرەكلىگىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان. بۇ مېنىڭ يوقارقى فىلىمدىن ئالغان ئىلھاملىرىم. |