تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

ئاياللار بايرىمىغا مۇبارەك!!!(299 قېتىم كۆرۈلدى )

  8-نەۋرۇز خەلقئارالىق ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى  (International Working Women's Day)يەنە  ب.د.ت ئاياللار ھوقوقى ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق بايرىمى(U.N. Day for Women's Rights and International Peace) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 8-نەۋرۇز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئاياللىرىنىڭ تىنچلىق، باراۋەر تەرەقىيات ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈندە پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرى دۆلەت، ئىرىق، تىل، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسەت چېگرىلىرىدىن ھالقىپ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقوقىغا نەزەر تاشلىشدۇ.   




    بۇ كۈن دۇنيا ئاياللىرى كۈرەشلىرىنىڭ خاتىر كۈنى.  1909-يىلى ئامېرىكىنىڭ چېكاگو شەھرىدىكى ئايال ئىشچىلار ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقوقدىكى بارەۋەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت تاشلاپ نامايىش قىلىغان، شۇ يىلى 8-ئايدا دانىيەنىڭ كوپىنخاگندا ئېچىلغان 2-قېتىملىق خەلقئارالىق ئاياللار يېغىنىدا بۇ كۈننى خەلقئارلىق ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

       بارلىق مېھرىبان، ئشچان، مېھنەتسىز ئۇلۇغ ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى بايرىمىغا مۇبارەك !            
.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق
رەھمەت ئاكىللىس!
بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاياللار بايرىمى كۈنلىرى ئوغۇللار پۇل يىغىشىپ پۈتۈن قىزلارغا بىر نەرسە سوۋغا قىلاتتى. ئىشقىلىپ ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدىغان بىر بايرام ئىدى. تۈنۈگۈن ئۆيۈمگە بىر ئايال بالىلىرىنى ئېلىپ كەپتىكەن، ئەتە ئاياللا بايرىمىكەن دېيىشسەك، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى «ئانىلار بايرىمىما؟» دەيدۇ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ. ھازىرقى بالىلار بىلمەمدىكى يا كانادادا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەمدىكىن بىلمىدىم.
Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....
قانداق ئەھۋال پراۋۇد مام ؟
You don't know that you don't know
ياخشى، شۇ كېچىسى ئۇيقۇ يوق يېرى چاتاقكەن. سىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....
مەنمۇ ياخشى تۇرىۋاتىمەن ...
مىستېر ئا تېخىچە پەيدا بولماپتۇدە.
You don't know that you don't know
ئىككى ھەپتىدە بىر كېلىپ-كېتىپ يۈرىۋاتىدۇ. خۇداغا شۈكرى، ھەرنېمە بولسا بىرلا بالىنى بېقىۋاتىمەن.
گۈللۈگ قاچانمۇ جانلىنار؟ ھەدە، سىز بولسىڭىزمۇ پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭە! مەن سىلەرنى بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن.
Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....
شۇنى دەڭە، مەنمۇ كىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىمەن ئادەم تاپالماي يالغۇزلۇقتا...بۇندىن كېيىن ئىككىمىز بولسىمۇ كىرىپ تۇرايلى كۆپرەك.
You don't know that you don't know
تىزىملىككە قايتىش