نەۋرۇز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە نەۋرۇز_تۈركى مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان ئەنئەنىۋى بايرام.ئۇ خەلقىنىڭ قىشتىن ئامان -ئېسەن چىقىپ ئىللىق ئاپتاپقا ئۇلاشقان كۈنلەردىكى خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆز يۇرتىنىڭ كۆكىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ھەر بىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپكارلىرىنى، ھۈنەر ماھارەتلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىنتىلىش ئارزۇلىرىنى، ھىممەت -ساخاۋىتىنى، ئىناقلىقىنى، بەختىيار ئەتىگە مول-ھوسۇل ۋە ئاسايىش تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بايرامدۇر. قەدىمدە نەۋرۇزنىڭ بىر يۈرۈش قائىدە -يوسۇنلىرى بولغان: 1.نەۋرۇز ناغرىسى:نەۋرۇز ھارپىسىدا بالق -كەنت،قىر -يېزىلاردا ناغرا-سۇناي چىلىناتتى،ئەل -يۇرت نەۋرۇزغا جابدۇنۇپ خوشال بولاتتى.يۇرت-يۇرتلار بايرام تۈسىگە كىرەتتى. 2. نەۋرۇز تاللىقى: نەۋرۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان ""ئارىخ توقۇ"" ئېرىغداش-تازلاش ئومۇمى خەلق تازلىق ھەرىكىتى نەۋرۇز ھارپىسىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى.ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆل، بۇلاقلار، ئېغىل-قوتانلار، كوزا-ئىدىشلار، ھويلا-ئاراملار تازىلىناتتى.يول كوچىلارغا تەكشى سۇ سىپىلەتتى. 3. سوغاق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، قاپاق كۆتۈرۈپ(ئىچىگە ياغ قاچىلانغان، پىلىك چىقىرىلغان قاپاق)يۇرت ئىچىدىكى قىر -سەھراغا چىققۇچە سوغۇقنى ھەجۋى قىلىپ بېيىت-قوشاق ئېيتىپ سوغۇقنى قوغلايتتى. نۇرۇزغا ئاتاپ ئۆلەن توۋلايتتى.گۈلخان يېقىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى. 4. يوقلاش: نەۋرۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتى بولاتتى. ئۆي ئايرىپ چىققان قىز-يىگىتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى، تىرىكلەر ئۆلۈكلەرنىڭ باشلىرىنى يوقلاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. قول -ئىلكىدە بارلار ئاجىز-ئورۇق، يىتىم-يېسىرلارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى. 5. نەۋرۇز ئېشى: نەۋرۇز كۈنلىرىدە قۇربى يەتكەن ئائىلىلەردە "ق" تاۋۇشىدىن باشلانغان توققۇز خىل يېمەكلىك (ئىسلامدىن كېيىن يەتتە بولۇۋاتىدۇ) قايماق، قېتىق، قۇرۇت، قۇيماق، قاتلىما، قۇيرۇق بېغىر، قوزا گۆشى (تونۇر كاۋاپ ياكى قورداق شەكلىدە)تەييارلىنىپ توققۇزى تەل بولۇش ئارزۇسى ئىپادىلىنەتتى. بۇندىن باشقا كۆچە ئاش (ئۈدۈرمە ئاش)ئېتىلىپ نەزىر قىلىناتتى.(قۇمۇل رايونىدا ھېلىھەم بار) 6 . ھەرخىل سەيلە-باراۋەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. چاقپەلەك ، ئىلەڭگۈچ، تەپۈك، (تىپەك)ئوقتاش، ئاتلامچۇق، ئوردامكۆچ، يوشۇنماق، زەدەك يۇلۇشماق قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلاتتى. 7. نەۋرۇز مۇسابىقىلىرى: نۇرۇزنىڭ تۇنجى كۈنىدىن كېيىنىكى كۈنلەردە چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، دارۋازلىق، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، خوراز، كەكىلىك چوقۇشتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلەتتى. 8. نەۋرۇز مەشرىپى: نەۋرۇزنىڭ 3-كۈنى يۇرت مەھەللىلەر بويىچە كەڭ كۆلەمدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ مەشرەپنى يۇرت چوڭلىرى، قول ئىلكىدە بارلار ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بەزى ھاللاردا ئۆز-ئارا يىغىش قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلەتتى. 9. نەۋرۇز تىلەكلىرى: نەۋرۇزنىڭ 4-كۈنى ئەل -مەھەللە ئاقساقال -موللىلىرى باشچىلىقىدا "زاراخەتمە" ئۆتكۈزەتتى. بۇ پائالىيەتتە نەۋرۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ مۇراسىم مۇسابىقىلەر نىڭ شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ۋە ئۆتكەن يىلقى نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىش، يېڭى بىر يىلنىڭ ئامان -ئېسەنلىك، توقچىلىق بىلەن ئۆتۈشىنى ، يەنە مول-ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەش ئۈچۈن دۇئا -تىلاۋەت قىلىناتتى. نەۋرۇزنىڭ يەنە بىر خاسىيىتى شۇكى ، ئۇ ئىناقلىق -ئۆملۈك بايرىمى ئىدى. ئۆچ -ئاداۋەتلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر -ئاياللار ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىپ قايتىدىن يارىشىۋالاتتى. بۇ ئىشلار يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ -سەيلىلەردە زاراخەتمىدە ئادا قىلىناتتى. نەۋرۇز تۈركى مىللەتلىرىنىڭ باھار بايرىمى ، تەبىئەت بايرىمى ، روھىيەت بايرىمىدۇر. |