تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

ئىسىت(588 قېتىم كۆرۈلدى )

قېرىندىشىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!

 

تويى بولۇپ ئاغىنىمىزنىڭ ،

نىكىھىغا باردۇق سەھەردە .

ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ ،

پۇر كېتىپتۇ پۇتۇن شەھەرگە ،

 

خىجىللىقتىن قىزاردى جوڭلار ،

باشلىغاچقا بوۋىلار سوراق .

بايان ئەيلەي كىتاپخانىلىرىم ،

ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق .

 

ئىمام ئاخۇن باشلىدى تەپسىر ،

شۇك بولۇشتۇق ئايەتنى ئاڭلاپ .

ھەيران بولدى مىڭكاۋخەن يىگىت ،

چىقتى بىر قۇر ھەممىگە قاراپ .

 

خوتۇنلۇققا قۇبۇل قىللىمۇ ؟

-دېدى ئمام ، يىگىتكە ، قىزنى !

ئپادىسىز ئولتۇردى يىگىت ،

چۈشەنمىگەچ تازا بۇ سۆزنى .

 

قىستىغاچقا ئمام جاۋاپنى ،

-تا شو سا ؟ دەپ باقتى قولداشقا .

توۋا دېدى بوۋىلار غەزەپ -

- بىلەن قاراپ دادا قاقباشقا .

 

پىچىرلىغاچ قولدىشى كۈلۈپ ،

"تۇڭ يى"دېدى يىگىت ئالدىراپ .

ئاپلا ... دېدى ئمام ئاخۇنۇم ،

توختىماستىن ساقالنى سىلاپ .

 

داۋام ئەتتى نىكاھنى ئمام ،

بىر غەزەپتىن چاقناپ كەتتى كۆز .

تاشقىردىكى قىزنىڭ ئاغزىدىن ،

ئاران چىقتى "ھەئە" دىگەن سۆز .

 

تۇزلۇق ناننى يىگىتكە بەرسە ،

ھەيرانلىقتا دېدى "جىگى شى سا ؟ "

چىرقىردى تاشقىردىكى قىز ،

"جىگې مو مو فيچاڭ نەن چى لا "......

 

- توۋا دېدى ئمام غەزەپتىن ،

مۇشۇمۇ ھە !؟ بىزنىڭ بالىلار!!!!

بىر قاباھەت يادىدىن كېچىپ ،

ھەسرەت.... دېدى ئاقباش بوۋايلار .....

 

- شەرەپلىك ئىش قوش تللىق بولۇش ،

ئانا تىلنى ئۇنۇتۇش جىنايەت !

ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،

مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !

بۇ يازمىنى 2008-8-19 11:41:00 Point تەستىقلىغان!

1
تىزىملىككە قايتىش