تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى(1780 قېتىم كۆرۈلدى )

          ھازىر قازاق قاتارلىق نۇرغۇن  تۈركى قېرىنداشلىرىمىز ئاي ناملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تىلى بويىچە ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر رايوندىكى بىر مىللەتنىڭ  ئاي ناملىرىنى ئاتىشى  شۇ رايوننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ،يەنە شۇ جايدىكى  پەسىللەرنىڭ ئالمىششى، ھاۋا كىلماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۇزۇن تارىخى تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش نەتېجىسدە ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئاي ناملىرىنى ئىجاد قىلىپتۇ،قانداقلارچىكىن كۆپ سانلىق كىشىلەرگە بۇلارنى بىلىش نىسىپ بولالماي، ئۆزىمىز مەنىسىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان چەتئەلدىن كىرگەن ئاي ناملىرىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتۇق، ئەگەر تىلىمىزدا يوق بولسىغۇ مەيلىتى بىراق بار تۇرۇپ ئىشلەتمەي ئۇنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش ماڭا تازا توغرىدەك تۇيۇلمىدى. نەچچە ئاي بۇرۇن قارائوت بۇرادەر ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ بىر قەدەر ئوموملاشقان ئاتىلىشلىرىنى رەتلەپ گۈلىستان مۇنبىرىگە سۇنۇپ بولسا مۇنبەردە شۇ ناملارنى قوللىنىش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدى. بۈگۈن مۇشۇ ئىش ئېىسمگە كېلىپ مەنمۇ گۈللۈگدىكىلەرگە مۇشۇ تەكلىپنى قويماقچىمەن. ئەگەر توغرا كۆرسەڭلەر بۇ نىڭدىن كېيىن گۈللۈگدە ئاي ناملىرىنى ئاتاشقا توغرا كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىشلەتسەڭلار.

   تۆۋەندە ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

1-ئاي-----قەھرىتان

2-ئاي-----ھۇد

3-ئاي------نەۋرۇز

4-ئاي------ئۇمۇت

5-ئاي------باھار

6-ئاي------سەپەر

7-ئاي------چىللە

8-ئاي------تومۇز

9-ئاي------مىزان

10-ئاي-----ئوغۇز

11-ئاي-----ئوغلاق

12-ئاي-----كۆنەك

بۇ يىل ئاخىرلاشقىچە  بۇ ئاي ناملىرىنى يادلىۋالىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن.

.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق
مەن 22 ھۇد تا تۇغۇلغان. بۇيىل چىللە ئىيىدە ئۈرۈمچىگە بارىمەن. (سىناپ باقتىم)
پىچەت بولىدىكەن. مەن قوللايمەن. ھەممىمىز مۇشۇ بويىچە ئىشلىتەيلى.
يەنە شۇنداق يېڭى گەپلەر بولسا ئۈگۈنۈپ تۇرايلى.
F.A.M.I.L.Y=Father And Mother I Love You
ياخشى، پانك، قوشۇلغان بولساڭ بۈگۈنكى يازماڭدىكى ئايلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ قويىمەن ئەمسە.....
.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

مەن سەپەر ئىيىنىڭ 31 -كۈنى تۇغۇلۇپتىكەنمەن . ھۇد ئىيىنىڭ 30- كۈنى توي قىلدىم.

پانك ئاغىنە چىلگە  يىگۈلى   چىللە ئىيىدا قايتىدىكەندە ۋەتەنگە .

چاتاق يوق.
مەن 11-مىزان كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىمەن.
F.A.M.I.L.Y=Father And Mother I Love You

بىر يىلنىڭ ئىچىدە يادلاپ بولۇشۇمغا كوزۇم يەتمەيدۇ لېكىن سىناپ باقاي.(ئىملا خاتالىقى يوقتۇ ھە بۇ جۇملەمدە؟)

You don't know that you don't know

كوزۇم ئەمەس كۆزۈم.....جۇملە ئەمەس جۈملە....

.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

ئۆزىمىزنىڭ تىللىرىدا ئاتىساق ھەقىقەتەن چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن!

ھەممە ئادەم مۇشۇنى ئىشلەتكەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى!

1
پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بىر پروگرامما تۈزۈپ قويدۇم. .net سۇپىسىدىكى ئۈستەل يۈزى قوللانمىلىرى(Desktop Application) ۋە تور قوللانمىلىرىدا(Web Application) بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ناۋادا بۇ مۇنبەرنىڭ پروگراممىسىمۇ .net تا تۈزۈلگەن بولسا ئاسانلا، كۆرىنىدىغان چىسلالارنى ئۇيغۇرچە نامغا ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولاتتى. باشقىسىنى مۇنبەرنىڭ دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەندە ئويلىشارمىز.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش:
http://www.uyghurdev.net/Web/Forum/FTopicView.aspx?TID=454
1
You don't know that you don't know
I AM ADDICTED TO GULLUG.COM

Seperning 15chi küni dadilar bayrimi

15.سەپەر

 

I AM ADDICTED TO GULLUG.COM

ھازىرلا مۇشۇ كۇننى كالىندارغا كىرگۇزۇپ قويۇپ،شۇ كۇنى داداڭلارغا گۇل سوۋغا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

You don't know that you don't know
مەن كۆنەك ئاينىڭ 24-كۈنى  تۇغلىپتىكەنمەن ،   بۇنداق  ئاتساق ھەقىقەتەن  چىرايلىق  ئاڭلىندىكەن .
بۈگۈننى غەنىمەت بىل ، ئەتىنى خىيال قىلما .

بۇ تەكلىپنى مەنمۇ قوللايمەن!!! ئاچىل بەك توغرا قىلىپسىز، توردىلا بولماستىن تۇرمۇشتىمۇ ئىشلەتسەك باشقىلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن!

مەن باھار ئېيىدا تۇغۇلغان، بۇنداق دىسە بىر خىل پەيزى بولىدىكەن.

1
كەچۈرۈڭلار، بۇ تېمىنى ھەممە ئادەم كۆرمىسە بولمىغۇدەك، شۇڭا باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماي دېسەممۇ قولۇمنى باشقۇرالماي قالدىم!
بەندە تالاي نەرسە تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما خۇدا پەقەت ئۈچلا نەرسە تەلەپ قىلىدۇ. پىكىر . زىكىر . شۈكۈر.
پارول، قىلغىنىڭىز بەك توغرا بولۇپتۇ...
.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

BÜGÜN SEPERNING 15

I AM ADDICTED TO GULLUG.COM
I AM ADDICTED TO GULLUG.COM

بەندە تالاي نەرسە تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما خۇدا پەقەت ئۈچلا نەرسە تەلەپ قىلىدۇ. پىكىر . زىكىر . شۈكۈر.

Buni print qilip , üstelge chaplap qoyay

I AM ADDICTED TO GULLUG.COM
مەن ياتلاپ بولاي دېدىم.....
.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

شەبنەم مۇنبىرىگە بۇ توغرىسىدا مۇلاھىزە خارەكتىرىدە ماقالە سۇنغان ئىدىم،گۈللۈگتە ئوخشاش پىكىردىكى دوسىتلارنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم!

http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-26715-keyword-.html

ئۇيغۇر ھەپتە ناملىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە

<div class=c id=p_tpc></div><div class=tpc_content id=read_tpc>كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا ھەر كۈننىڭ ئۆزىگە خاس ناملىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ تۇرىمىز،شۇنداقلا ئاشۇ ناملار بىلەن كىچىگى خۇسۇسىي ئىشلارنى،چوڭى خەلقارالىق مەسىلىلەرنى تارىخ بېتىگە يازىمىز.
ئۇزۇن يىللىق ئىستىمال ئادىتىدە ھەر خىل مىللەتنىڭ ئۆز كالىندارى،ئۆز ۋاقىت قارىشى شەكىللەنگەن.ئەرەپلەردە ھىجىريە كالىندارى،ياۋروپالىقلاردا مىلادىيە كالىندارى،خەنزۇلاردا قەمەرىيە كالىندارى،ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا شەمسىيە كالىندارى...دىگەندەك.
يەرشارىدا قۇياشنىڭ ئۇپۇق سىزىغىدىن كۆتۈرۈلۈش،چۆكۈش قانۇنىيىتىنىڭ ھەممە مىردىيان..ھەممە جايدا ئوخشاش بولماسلىغىدىن،بىر كۈننىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشىمۇ مۇئەييەن پەرقلەرگە ئىگە.شۇ سەۋەپتىن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شۇ بىر كۈننى ئاتىشىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر ساقلانغان.ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كالنىدارىمىز مىلادىيە بولۇپ،ياۋروپا خىرىستىيان دىنىنىڭ روشەن تەسىرىگە ئىگە.

خەنزۇچە星期一، 星期二,星期三,星期 四,星期五,星期六، 星期天،...دىگەنلەر بىزدىكى ئىستىمال قىلىنىۋاتقان؛ دۈشەنبە، سەيشەنبە،چارشەنبە ،پەيشەنبە، جۇمە ، شەنبە ، يەكشەنبە، بىلەن تەڭداش ئىستىمال قىلىنىدۇ،لىكىن شۇ تىلنىڭ ئىپادىلىگەن مەناسىغا قارىساقلا،خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە كۈن ئاتالغۇلىرىدا تامامەن
ئوخشىمايدىغان مەنانى كۆرىمىز.

خەنزۇچىدىكى 星期一 بىزدىكى دۈشەنبە بولماسلىغى مۇمكىن.
星期一 ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دىگەن بولىدۇ،لىكىن دۈشەنبە بولسا ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى دىگەنلىكتۇر،چۈنكى بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ھەپتە كۈنلىرىنى ئاتايدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپى پارىسچە،ئازراقى ئەرەپچە.بۇنداق بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەپ دەل ھىجىرىيە كالىندارىدىن كەلگەن.لىكىن ھىجىرىيە كالىندارى گەرچە ئەرەپلەرنىڭ بولسىمۇ،ئۇنىڭغا ئەل فارابى،ئىبىن سىنا..قاتارلىق بوۋىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئەجرى سىڭگەن.

پارىسچە؛ 1=يەك، 2=دۇ،4=چار،5=پانج،6=شەش،7=ھاف
ئەرەپچە؛ 1=ۋاھىد،2=ئىسنان،3 =سەلاسە،4=ئەربەئە،5=خەمىسە،6=سىتتە،7=سەبئە

بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ھەپتە كۇنلىرىنى ئاتاش ئادىتىمىزگە گەرچە پارىسچە،ئەرەپچە..سۆزلەردىن نام ياسىغان بولساقمۇ لىكىن بىزدىن باشقا مىللەتلەر ھەپتىنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىزگە ئوخشاش ئاتىمايدۇ.مەسىلەن؛
ئۇيغۇرچە:يەكشەنبە،دۈشەنبە،سەيشەنبە،چارشەنبە،پەيشەنبە،جۇمە،شەنبە
خەنزۇچە؛星期天،星期一، 星期二,星期三,星期 四,星期五,星期六،
ئەرەپچە؛ ئەل ئەھەد،ئەل ئىسنەين،ئەسسۇلاسائ،ئەل ئەربىئائ،ئەل خەمس،ئەل جۇمئە، ئەسسەبت.
پارىسچە؛ئىتۋار، پىيىر، مەڭگەل، بۇد، جۇمئىرات، ھەفتە،
ئېنگلىسچە؛ سۇنداي(ساندى)،مونداي(ماندى)،تۇەسداي(تيۇزدى)،ۋەدنەزداي(ۋەنىزدى)،تۇرسداي(سىزدى)،فرىداي(فرايدى)،ساتۇرداي(سىتىردى).

يۇقارقىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىمىزكى بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزدە ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى دۇشەنبە دەپ ئالىمىز.لىكىن بۇ خاتا،[دۈشەنبە ]دەل ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى دىگەن سۆزدۇر،[يەكشەنبە] بولسا دەل ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دىگەن سۆزدۇر.

قوشۇمچە-ئۇيغۇر ئاي ناملىرى توغرىسىدا؛

ئۇيغۇرلار تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالىندارنى بىرىنچى بولۇپ تۈزگەن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە كېڭەيتكەن.بۇ توغرىسىدا مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن خانىم ؛ "ئۇيغۇرلار كالىندار سىستېمىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان" دەپ ئىسپاتلايدۇ.ئەمما ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاي ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى روشەنكى 'ئاي' سۆزىنىڭ ئالدىغا سان قوشۇلۇپ ئاتىلىپ كەلمەكتە،يېقىندا مەن بۇ توغرىسىدا بىر ماتىريال كۆردۈم،ئۇنىڭدا 'ئاي'ناملىرى ساپ ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئاتالغانىكەن،مۇمكىن بولسا تۆۋەندىكى 'ئاي' ناملىرىنى ئومۇملاشتۇرساق دىگەن پىكىردە،شۇڭا بۇنى قوشۇمچە قىلىپ دوسىتلارنىڭ پىكىرلىشىپ بىقىشىغا سۇندۇم.
تەكلىپىم 'ئاي'لارنىڭ ناملىرىنى تۈرك ۋە قازاق قېرىنداشلارغا ئوخشاش ئۆز تىلىمىزدا ئاتىساق.

1 -ئاي؛ قەھرىتان
2 -ئاي؛ ھۇد،
3-ئاي؛ نەۋرۇز،
4- ئاي؛ ئۈمۈد،
5- ئاي؛ باھار،
6-ئاي؛ سەپەر،
7- ئاي؛ چىللە،
8- ئاي؛ تومۇز،
9-ئايپ؛ مىزان،
10- ئاي؛ ئوغۇز،
11- ئاي؛ ئوغلاق،
12- ئاي؛ كۆنەك.

ماتىرىيال ۋە پارىسچە لۇغەتنىڭ كامچىلىقىدىن،مىسال ۋە پاكىتلار تولۇق بولماي قالدى،مۇنبەرداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكرى بولسا قوبۇل قىلىمەن!

</div>
1

تەنقىدى پىكىرىم يوك ، لېكىن ،ئەگەر بىز دۇشەنبىنى ئەسلى يەكشەنبە دەپ ئاتىساق ، ئۇ چاغدا جۈمە كۇنى پەيشەنبە بولسا .................

    بۇ قولاشمىغىدەك ........... (جۈمە نامىزىنى پەيشەنبە نامىزى دەمدۇق؟)

                                     يەنە پەيشەنبە كۇنىنى چارشەنبە دېسەك ........................  (ئىشقىلىپ كۆنەلمەيدىكەن ئادەم )

لېكىن سىزنىڭ دېگىنىڭىز راست توغرىمىدۇ ؟

1
&nbsp;&nbsp;&nbsp;&nbsp;&nbsp; بۇ يەردىكى خاتالىق پەقەت خەنزۇلارنىڭ ئاتاش ئۇسۇلى بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ ئويلايمەن، ئۈستىدىكى ئادەم كالىندارغا قارىساڭلار باشقىلار ئىچىدىمۇ يەكشەنبىنى ھەپتىنىڭ بىرى ياكى ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرەلمەيمىز،ئاشۇ ئادەم كالىنىدار شۇنىڭغا ئاساسەن ئىككى خىلغا ئۆزگىرەيدۇ. بىز بۇرۇن يەكشەنبىنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ ئىشلەتكەن بولساق ھازىر دۆلەتنىڭ خىزمەت كۈنى ۋە دەپ ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا دۈششەنبىنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ بىلىپ قالغاندەك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز&nbsp;ئۇيغۇر ھەپتە ناملىرىنىڭ مەنىسىگە بۈگۈنگىچە ھەقىقى &nbsp;يەتمەپتۇق، شەخسەن مەن شۇنداق! بۇنىڭدىن ئالپامىش بۇرادەرگە كۆپ تەشەككۈرلەر&nbsp; ئېتىمەن!
.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

توغرا ! توغرا !

مەنمۇ تۈزۈك بىلمەيدىكەنمەن ~ ھەي.....................

1

ئەمسە ھازىردىن باشلاپ ئېسىمىزگە سالايلى...

   بۈگۈن 12-تومۇز سەيشەنبە ھەپتىنىڭ ئۈچى

.......monk or monkey........
     قەيسەرلىك =ياخشىلىق

 

 

 

                                                      ماقۇل!

1
تىزىملىككە قايتىش