تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

چوقۇم ئىستاكان بىلەن ئىچىڭ!!(315 قېتىم كۆرۈلدى )

بايا ماۋۇ خەۋەرنى ئوقۇپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. گەرچە بۇنداق خەۋەرلەرنى دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرساقمۇ، ماۋۇسى تۇرمۇشقا بەكرەك يېقىن بولغاچقا كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

قەلەي قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، بىۋاستە ئاغزىنى ئېچىپلا ئىچمەي، ئىستاكانغا تۆكۈپ ئىچىڭ!!
نېمىشقا؟
بۇ ۋەقە يېقىندا شىمالىي تېكساستا يۈز بەرگەن ئىكەن. بىر ئايال يەكشەنبە كۈنى كېمە ساياھىتىگە چىقىپتۇ ۋە ئالغاچ بارغان قەلەي قۇتىلىق كوكلارنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپتۇ. دۈشەنبە كۈنى ئۇ ئايال زەھەرلەندى، دېيىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپتۇ، چارشەنبە كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ قاپتۇ. (خۇدا ساقلىسۇن!!)
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئايال بىر خىل باكتېرىيەدىن ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملانغان بولۇپ، (بۇ باكتېرىيەنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلالمىدىم)، ئايال ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ باكتېرىيەنىڭ قەلەي قۇتىلىق كوكنىڭ ئاغزىدىن كەلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان. ئۇ ئايال كوك ئىچكەندە بىۋاستە قۇتىدىنلا ئىچكەنىكەن، قۇتىنىڭ ئاغزىدا بولسا قۇرۇپ قالغان چاشقان سۈيدۈكى قالدۇقى بار ئىكەن. (يېزىۋېتىپ بىئارام بوپ كەتتىم.)
چاشقان سۈيدۈكىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل زەھەر بولۇپ، ئىستېمال قىلىنىپ قالسا، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەتتە قەلەي قۇتىلىق ئىچىملىكلەر ئىسكىلاتتا ساقلىنىپ، ئىسكىلاتتىن بىۋاستە دۇكانلارغا ئاپىرىلىدىكەن. ئىسكىلاتتا ساقلانغان مەزگىلىدە يۇقاردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھايۋاننىڭ «ھۇجۇمى» غا ئۇچراش ئېھتېمالى يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭا ئادەتتە قەلەي قۇتىلىق ئىچىملىك سېتىۋالغاندا ئاۋۋال يۇيۇۋېتىشىمىز، يۇيۇۋەتكەن تەقدىردىمۇ بىۋاستە ئىچمەي، ئاۋۋال ئىستاكانغا قۇيۇپ ئاندىن ئىچىشىمىز ياخشى بولىدىكەن.

ئىشقىلىپ، خۇدا ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....
ئاھ خۇدا، مەنغۇ شۇ ئېغىز تېگىدىغان يەرنى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ئىچەتتىم لېكىن ئۇنىڭمۇ پاكىزلىك دەرىجىسى يېتەرلىك بولمايدىكەندە بۇنداق بولغاندا.
You don't know that you don't know
زادى كوكا كولانى ئىچمەسلىك. ئىچكەندىمۇ ئاز ئىچىش كېرەك! ئىچىمۇ ئاستا سۈرئەتلىك زەھەر ئۇنىڭ...... مەن ھەرھالدا ئانچە كۆپ ئىچمەيدىغان بولدۇم ئۇنى، لېكىن بەزىدە ئارلاپ ئىچىپ سالىمەن....
help yourself! then sky will help you
تىزىملىككە قايتىش