Guerlainنىڭ يېڭى ئەتتىرىIdylle ...(500 قېتىم كۆرۈلدى )
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا Yvonne تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2009-10-19 14:23
پارىژغا قايتىپ كېلىپلا ئەتتىر دۇكانلىرىدىكى يېڭىلىقلارغا ئۇلگەردىم. بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ ياققىنى گەرلەن نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولۇپ، داڭلىق ئەتتىر لايھەلىگۇچى Thierry Wasser، لايھەلىگەن. بۇ ئەتتىر، پولاشانىڭ ئالاھىدە ئەتتىرگۈلىنى مەخپى رىتسىپ قىلغانىكەن. لايھەلىگۈچى بۇ ئەسىرىدە يەڭگىللىكنى ئاساسى تېما قىلغان بولۇپ، بىرتوپ ئوخشىمىغان گۈللەردىن تىزىلغان گۈلدەستە پۇراق، كىشىگە يېنىك ياز كۈنلىرىنى ئەسلىتىدىكەن.
ئادەتتە قويۇق، كىلاسسىك پۇراقلارنى ئاساس قىلىدىغان گەرلەن گە نىسبەتەن، بۇ بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ.
مەندە بۇ ماركىنىڭ بىر ئەتتىرى بار (Angelique Noir) قارا پەرىشتە ، پۇرىقى تاتلىق، كۈچلۈك، ھەم نازنىن... راسلا قارا پەرىشتە....
 |