تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

توخو بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى(679 قېتىم كۆرۈلدى )

بىر ئىككى ئۈچ ، ئىتتىپاقلىق كۈچ !

يەنىلا تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغان.......سەۋەبى يوق!

 

گۈل بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ئۇرۇق؟

مەن بۆرىسىز جاڭگالدا..
ياشايمەن كۈنگە ئۇرۇلۇپ،ئايغا سوقۇلۇپ....

Méning jawabim 

I AM ADDICTED TO GULLUG.COM

مەن مۇنداق ئويلايمەن....

ئەڭ ئاۋۋال 地壳运动 بىلەن يانارتاغلارنىڭ پارتىلىشى بىلەن .....................................................  ۋايجا.................................ان !!! قۇرۇق گەپنى قويايچۇ !

 

   ھە !  سۇنىڭ ئىچىدىكى مىكىرو جانلىقلار تەدىرىجى تەرەققى قىلىپ نەسلىنى قالدۇرالايدىغان بولدى ، ئاندىن يىگەن ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ نەتىجىسى بىلەن بەدىنىنىڭ ئىچىدە بىرخىل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ توخۇم تۇغالايدىغان بىرخىل تۇر پەيدا بولدى . ئاندىن تۇخۇم تۇغالايدىغان تۇر تەدىرىجى تەرەققى قىلىپ ھەرخىل تۈرگە بولىنىپ 两栖动物    ، يۇگىرەيدىغان ، ماڭالايدىغان ......... ئاندىن ئادەم دىگەندەك .

لېكىن ئارلىقتا ئۇچالايدىغان دىنۇزاۋۇرلار چىقىپ قالدى ، ئۇلارنىڭ بەزەنلىرى سۇت ئەمگۈچى蝙蝠 ، بەزەنلىرى تۇخۇم تۇغقۇچى بولۇپ قالدى !

 

     يەنە ئالدىغا كەلسەك ، شۇ سۇدىن بەزى مىكىرو جانلىقلار (ئۇچار بېلىقتەكچۇ ! ) ئۇچالايدىغان بولدى، ئۇلار ئۇچۇپ ئۇچۇپ سۇغا قارىغاندا  ئاسمان پەيزىكەن دەپ ئۇچۇپلا كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇچالايدىغان دىنوزاۋۇرقۇشلار پەيدا بولۇپ قالدى ! بۇ دىنوزاۋۇرقۇشلار  بەلكىم شۇ تۇخۇم تۇغىدىغان مىكىرو جانلىقلاردىن تەرەققى قىلىپ سالغان !چاخچاق

ۋەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەت !    

 

         مېنىڭچە ئەسلى ھەممە چىشى جانلىقلارنىڭ تۇخۇم قاسىرىقى بار ، شۇ بەزىلىرىنىڭ قاسىرىقى بەكلا يۇمشاق قوساق ئىچىدە ، بالىسىنى تۇغقىچە ئىچىدە يىرتىلىپ بالا ئۆزىلا چىقىپ سالىدۇ ، بەزىلىرىنىڭ قاسىرىقى شۇ يەرشارى شەكىللەنگەن ۋاققىتتا ئۇخماي بىرنىمىلەرنى يەپ سېلىپ 胎盘 سىنى بىر پەردىدىن بىر قات قاسىراققا ئايلاندۇرۇپ قويدى .......

شۇنىڭ بىلەن ئا...................خىرى تۇخۇم پەيدا بولۇپ قالدى ~

 

1
دېنىزاۋور بۇرۇن...  گۈل بۇرۇن..، ئاندىن ئۇرۇق ئاندىن گۈللۈگ ۋە گۈللۈك.
ئادەم ئەسكى ئەمەس، ئەسكى ئادەم ئەمەس.
بۇنى ئۇلۇغ ئاللا ئۆزى بىلىدۇ.........
ئاللاھنى پاك دەپ ھېساپلايمەنكى ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىم ۋە يۆلەنچىكىمدۇر........
ھازىر بىرەر توخۇنىڭ تۇخۇم تۇغماي، قالايمىقان نەرسىلەرنى يەپ سېلىپ بىراقلا چۆجە تۇغۇپ سالغانلىقىنى بىر كۆرسەكقۇ، ئايانلا بولۇپ كېتەرمىدىكىن....
Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....

باكاي موشۇ توغۇرلۇق ماقالىدىن بىرنى ئىلان قىلىپ باقسىڭىز بوپتىكەن .

مىنڭچە تۇخۇم توغمايدىغان ھايۋان ئاۋۋال پەيدا بولغان ئاندىن تەدرىجى تۇخۇم تۇغىدىغان ھايۋانغا ئايلانغانمىكىن دەيمەن .

بىر ئىككى ئۈچ ، ئىتتىپاقلىق كۈچ !

دىنازاۋۇر

مەنمۇ سىزدەك ئويلايمەن D-generation-X

1

 

سىلەر يىمىرىلگەن تەدرىجىي تەرەققىياد نەزەرىيەسىنىڭ خىلى تەسىرىگە ئۇچراپسىلەر -ھە .

باكاي سىزنى دەۋاتىمەن . سىلەرنىمۇ دەۋاتىمەن .

D-generation-X    شۇ ! شۇ ! شۇنى دىمەكچىغۇ مەن!!!

 

  "   يىمىرىلگەن ؟؟؟؟      "

...........

ئازىراق بولسىمۇ بىرخىللللللللللللللللل ئاساسى بارغۇ ئۇنىڭ ، سىز دىنى تەرەپتىن ئويلىدىڭىزما ؟

 

ھەي بولدىلا ~ ئەگەر مەنمۇ شۇ تەرەپتىن ئويلىغان بولسام ، ئۆزەمنى ئاۋارە قىلىپ جىق سۆزلەپ جىق ئويلانمايتىم ئۇ توغۇرلۇق !

ھەمدە 生态学 نىمۇ كۆرۈپمۇ قويمايتىم ......   بىئولوگىيەدە ئەسلا ئوقۇمايتتىم ........     بىرەر نەرسىگە ئىزدىنىپ كەسپىمنى داۋاملاشتۇتىمەن دەپ بۇ قوتو پايتەختكىمۇ كېلىپ يۇرمەيتتىم ...........  چەتكە چىقىپ بىلىمىمنى ئاشۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپمۇ يۇرمەيتتىم !!!!!

   ھەي ..... بولدىلا ! بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز بىر نەرسە بولماسلىقى مۇمكىن ،  سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىگەن بولىشىم مۇمكىن !

 جىق  سۆزلەپ سالدىم ، كەچۈرۈڭ !

1
باكاي ئاۋۇلارنى ئاۋازلىق قىلىپ سۆزلەپ بىرەمسىز؟.
قايتقاندا سۆزلەپ بېرەي ھە ~~~!  ئوماق تارتىنچاق سىلا..................شىم !
1

كۈمۈشۈم......  ئۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ !

چۈجنى بىراقلى تۇغىدىغان بولغىچە بىز بارمۇيۇق دەڭە .....

1
سىلەرنىڭ سۆز بايلىقىڭلار نىمانداق كەمچىل. مۇشۇ ئوماق،تارتىنچاقنىڭ ئورنىغا باشقاراق سۆزلەرنى ئىشلەتسەڭلار قانداق ؟
 ئاشۇنداق بولسا پەيزى تېخى !
1

يېگەن ئوزۇقلۇقلىرى ئوخشىماسلىقلىرى تۈپەيلى...

باكاي، ئوزۇقلۇق گېننى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....

سىلەرنىمۇ دەۋاتىمەن ....

تەۋبە بۇرادەر، باكاي ۋە بىزلەرنى نادان چاغلىماي قايىل قىلىشقا تىرىشىپ بېقىڭ...  مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب مۇشۇ دەپ ئويلايمەن... ئىدىيە ئوخشاش بولمىسا مۇناپىققا چىقىرىمىز. قولىمىزدىن كەلسە ئۆلتۈرىمىز. كەلمىسە ھىچ ئىش قىلماي قاخشاپ باشقىلارغا سەت كۆرۈنىمىز... بىزنى قېرىندىشىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ ھېسداشلىق قىلىڭ. قۇتۇلدۇرۇڭ... ئەخمەق قاتارىدا نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىۋەتمەڭ.... چۈشەندۈرۈشكە ۋاقتىڭىز بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى يېنىكلىك بىلەن قىلىنغان ئىككى ئېغىز سۆزىڭىز بىلەن چۈشۈرمەڭ.  ئاندىن قوپاللىق ھېس قىلسىڭىز مېنى كەچۈرۋېتىڭ.

ئادەم ئەسكى ئەمەس، ئەسكى ئادەم ئەمەس.

ھىم

Lovingly in his eyes, snugly in his arms, safely in his heart....
ئاندىن كۈمۈش ھەدەمنىڭمۇ... ئەستائىدىل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئادەم ئەسكى ئەمەس، ئەسكى ئادەم ئەمەس.

تېمىدىن چەتنەپ كەتتىڭلارمۇ نىمە ؟

بىر ئىككى ئۈچ ، ئىتتىپاقلىق كۈچ !

 

.باكاي (قارىسام مەندىن چوڭ ئوخشايسىز ) ھەدەم ۋە باشقىلارغا Atlas of Creation  دىگەن كىتابنى ئامازوندىن ياكى توردىن كۆرۈپ بىقىشىنى سورايمەن .شۇ كىتابنى يىزىپ چىققان ھارۇن يەھيا توغرۇلۇق ئىزدىنىپ بىقىشىڭلارنى سورايمەن . جوڭگۇدىن ئاۋاررە بولۇپ ئىزدىمەڭلار ،دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدىنمۇ تاپالمايسىلەر .ئۇلار شۇ دىنسىزلىقنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ. دارۋىنىزىمنىڭ ئۆزىمۇ چۈشۈنۈپ كەتمىگەن ئىشىنىپ كەتمىگەن تەلىماتلىرىنى تىخىمۇ داۋراڭ سىلىپ ،ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسا بولدى ،خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ماركىس دارۋىننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىسىمۇ ئەگرى پايدىلانغاندەك.

مەن سىلەرگە بۇلارنى دىمەكچى بولغانىدىم ،." دارۋىن : مەن دىنسىز ئەمەس "  دىگەن تېمامدا ، ياۋروپادىكى ئىسلام تەرەققىياتى دىگەن تېمامدا دىمەكچى بولغانىدىم ،ئەپسۇس ئاڭلارغا كىشى يوق ،قاراپ قويارغا ئادەم يوق . ئىزدەپ بىقىڭلار ،ئىنكاسسىر تېمىلار دىگەنگە قارىساڭلار ئوننىڭ سەككىزى مىنىڭ تېمام ،چۈنكى مەن شۇ كىشىلەر  ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان نەرسىلەرنى يوللاپ قويىمەن.

خالىساڭلار مۇنۇ توربەتكە كىرىپ كۆرۈپ بىقىڭلار .

Atlas of Creation - News in the World Press

http://www.youtube.com/watch?v=B-UvLVz6rAo

COLLAPSE OF DARWINISM IN FRANCE

http://www.youtube.com/watch?v=uhMKonsFavI  

 

دارۋىنىزىم ھازىر ياۋروپا مەكتەپلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا ،مەملىكەتلەردە ھارۇن يەھيانىڭ كىتابلىرى تارقالماقتا ، مەسجىدلەر قەد كۆتۈرمەكتە ، فىرانسىيەنىڭ 10 يىل ئاۋۋالقى دىننىي ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىنى سلىشتۇرۇپ بىقىڭلار .8 يىل ئاۋۋال دىنسىزلار 80 پىرسەنت بولسا ھازىر دىندارلار 80 پىرسەنت . فىرانسيە ماركىس ياشاپ ئۆتكەن ۋە ئۆز تەلىماتىنى تاراتقان ،يىلتىز تارتقۇزغان جاي ئىدى ئەسلى  .

 

پويىنت بۇرادەر مەن ھەرگىز بىرەرسىنى كاپىر مۇناپىققا چىقارغىنىم يوق . ھەم ھىچكىمنىمۇ ئەخمەق كۆرمىدىم ،خەقنى ئەىمەق دىسەم ئۆزۈم ئۇنىڭدىن ئۆتە ئەخمەق بولغان بولىمەن .ئەسلىدىنلا ئالغان تەربىيىمىز ماركىسىزىم ۋە دارۋىنىزىم بولغانىكەن ئېنىقتىن -ئىنىق ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىز ،ئەمما بىلمەي قالىمىز . باكاي ھەدەم ئوقىۋاتقىنى بىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولسا ئەلۋەتتە ئۈگەنگىنىگە ئىشىنىدۇ . مەن دىن تەرەبتىن ئويلۇدۇم، دىننىڭ ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىنى تونۇشتۇرماقچىمەن .

 

پوئات ! مەن پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ~  ئۆزەمنىڭ ئىپادىلەش قابىلىيىتىمگە ۋە يېزىقچىلىقىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ناچارلىقىغا ،كەمچىللىكىگە~  قالغىنىنى ئەمدى پۇرسەت بولسا سىلەرگە سۆزلەپ چۈشەندۇرەرمەن ~  گېپىمنى ئوڭشاپ يازىمەن دەپ قالايمىقان قىلىۋېتىدىكەنمەن !

ئۇنداق قاراشتا ئەمەسمەن !

يەنە كېلىپ ، مەن بەك ئۆز كۆرۈپ كەتكەن ئوخشايمەن ~  ھەممىسى مېنى بىلىدۇ ، مېنى چۈشىنىدۇغۇ دەپ ،  باشقىلارنى ئويلىمىغان ئوخشايمەن ~ ھەم ئۇلارنىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئويلايدۇ دەپتىمەن ~

ئۇف ~~~~

بولدىلا .......      مەن قاملاشتۇرۇپ بولالمىدىم ~

مەن يەنىلە توپۇمنى تاپاي ~ 

سىلەردەك بىلىملىك بولغاندا ئاندىن كېلەرمەن !!!!

 

1

باكاي ھەدە مەندىن رەنجىپ قالغان بولسىڭىز مەن ھەقىقەتەن ناماقۇل ! سىزدىن دۇئايىمدا ۋە مۇنبەردە ئەپۇ سورايمەن ! مەن راستىنلا ھازىر تىخى دۇئا قىلدىم جۇمۇ ! ئەمدى سىزدىن ئەپۇ سورايمەن . باكاي ھەدە نەچچە كۈن بولدى ئالدىراش كىرەلمەپتىمەن ،بۈگۈن كىرىپ چۆچۈپ كەتتىم ،مەن مۇشۇ كەملەردە ئۆزۈممۇ بىلمەي قاتتىق گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايمەن .راستىنلار كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز ،ئەگەر پايتەختتە بولسىڭىز سىزگە چاي قۇيۇپ كۆڭۈل سورىۋالاي ،ئەمما ھەرگىز خاپۇلاپ كىتىپ قالماڭ ! بولمىسا مەن پۇشايمان قىلىمەن !  

تىزىملىككە قايتىش